ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە شىكايەتنامە سۇندى

ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە شىكايەتنامە سۇندى.

ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە شىكايەتنامە سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازا، دۆلىتىگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادىي ئىمبارگولار ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارى، دەپ كۆرسەتكەن ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ جازالىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇندى.

جورج ئاررېئازا ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىلتىماسنىڭ «تارىخىي بىر ئىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئىستاتىستىكىلار، ئېمبارگولارنىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقى ئۈستىدىكى تەسىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم سانلىق مەلۇماتلاردۇر. خەلقىمىزگە كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھۇجۇم قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئېمبارگولارنىڭ ئاساسلىق قۇربانلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلالىق پۇقرالار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر