ترامپنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇلدى

مېرىكا پالاتاسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىنى «دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللۇقىسىز ئىشلىتىشى» گە چەكلىمە قويۇلغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ترامپنىڭ ئىرانغا مۇداخىلە قىلىش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئاۋازغا قويۇلغان قارار لايىھەسى 45 كە قارشى 55 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

ۋىرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ دېموكرات پالاتا ئەزاسى تىم كاينې تەرىپىدىن ئومۇمىي كېڭەشكە سۇنۇلغان قارار لايىھەسى، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىرانغا قارىتا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىسىز ھېچقانداق قەدەم تاشلىيالماسلىقىنى نىشان قىلىدۇ.

قارار لايىھەسىنى دېموكرات پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قوللاپ ئاۋاز بەردى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن 8 پالاتا ئەزاسىنىڭمۇ قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. ترامپ تەرىپىدىن ۋېتو قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان قارار لايىھەسى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە ترامپقا تۇتۇۋاتقان ئەڭ كەسكىن پوزىتسىيەسى دەپ قارالماقتا.

ترامپ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «دېموكراتلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى نومۇس قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ، بۇنداق بولۇشىغا يول قويماڭلار» تەرىقىسىدە چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر