كەركۈكتە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان « K1» ھەربىي بازىسى راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

كەركۈكتە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال سەئد ھەربىيەنىڭ ئېيتىشىچە، شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم  نەتىجىسىدە ماددىي زىيان كېلىپ چىققان، ھۇجۇمدىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھەربىي بازا ئەتراپىدىكى بىر مازارلىقتىن 10 دىن ئارتۇق راكېتامىيوتنى قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى جاۋابكارلارنى قوغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن رايوندا داۋاملىق چارلاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر