فىرنسىيەلىكلەر پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا

فىرانسىيەدە خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دۆلەتتە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىۋاتقان پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

فىرنسىيەلىكلەر پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا

فى

جامائەتچىلىك تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ % 67 تى پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ % 56 تى رېفېراندۇمدا پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى ئاۋاز بېرىشنى خالايدىكەن.

فىرانسىيەدە پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلاش ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبىدىن، يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئوتتورىغا چىقماقتا. يېقىنقى 34 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى 5 – دېكابىردىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتى پىنسىيۇنېرلىق ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەرقايسى ئۇيۇشمىلار بولسا ھۆكۈمەتتىن بۇنىڭدىن ۋاز كېچىش تەلىپىدە چىڭ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر