ئەللاۋى يەكشەنبە كۈنى ئىچكى كابېنتىنى ئېلان قىلىدۇ

ئىراقتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان مۇھەممەد تەۋفىق ئەللاۋى 16 – فېۋرال يەكشەنبە كۈنى ئىچكى كابېنتىنى ئېلان قىلىدۇ.

1359005
ئەللاۋى يەكشەنبە كۈنى ئىچكى كابېنتىنى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەللاۋىنىڭ خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىن  ئورۇن ئالغان تۈركمەن پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد خالىدى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەللاۋىنىڭ ئىچكى كابېنتىنى تەشكىل قىلغانلىقىنى، مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزالىرى تىزىملىكىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ  پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەللاۋىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىش تەكلىپى سۇنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراقتا 2019 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار سەۋەبىدىن باش مىنىستىر ئادىل ئابدۇلمەھدى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن، پىرېزىدېنت بەرھەم سالىھ مۇھەممەد تەۋفىق ئەللاۋىغا ئىچكى كابېنت تەشكىل قىلشى ۋەزىپىسى تاپشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر