ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1368گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس)نىڭ مەركىزى خوبېي ئۆلكىسىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 242 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1358620
ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1368گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس)نىڭ مەركىزى خوبېي ئۆلكىسىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 242 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى بىلەن خىتاي مىقياسىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1368 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۆزگىرىشلەرنى ئىنتېرنت ئارقىلىق كۆزىتىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ «دۆلەت مىقياسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا ئالاقىدار ھازىرىي ئۆزگىرىشلەر» گە دائىر سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەت مىقياسىدا يۇقۇم تۈپەيلى ئۆلگەنلەر سانى 1368 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 59883 كە يەتكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ خۇبېي پارتىيە سېكرىتارى جياڭ چاۋلىياڭ، يۇقۇم باش كۆتۈرگەندىن بۇيانقى باشقۇرۇش ئەھۋالىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا شاڭخەي شەھىرىنىڭ سابىق شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى يىڭ يوڭ تەيىنلەندى.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 1600 نەپەر ھەربىي دوختور ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان رايونغا ئەۋەتىلگەن ھەربىي دوختورلار سانى 4 مىڭدىن ئاشتى.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 2019 – يىلى 12 – دېكابىردا بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر