ماكرون ھافتەرنى پارىژغا تەكلىپ قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەرنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلدى.

ماكرون ھافتەرنى پارىژغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلىفە ھافتەرنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ھافتەرنىڭ فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا باشقارمىسى مۇدىرى كىرىستوف فارنو بىلەن بىنغازى شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، فارنونىڭ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ھافتەرنى پارىژدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان رەسمىي مەكتۇپىنى تاپشۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىرىستوف فارنو دۈشەنبە كۈنى، فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كرىستوف كاستانېرنىڭ لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشاقنى پارىژغا تەكلىپ قىلغان رەسمىي تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر