13.02.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

13.02.2020

«Al Quds Al Arabi» گېزىتى، دۈبەي ئالماس بازىرى باشلىقى ئەھمەد بىن سۇلايماننىڭ ئىسرائىلىيەدە بىر زىبۇ زىنەت يەرمەنكىسىگە قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Al Sharq Al Awsat» گېزىتى، تىرابلۇستا ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى رەئىسى ئەلسارراجنىڭ شىرتتىن مۇداخىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىش لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەرىزە قانىلى تۈركىيەنىڭ «سۈرىيە قىسىملىرىنى ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«n-tv.de» خەۋەر تورى، «ئەردوغان سۈرىيە ھۆكۈمكىتىگە قارشى تەھدىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«spiegel.de» تورى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

«Merkur.de» تورى، گېرمانىيەدە كورونا ۋىرۇسى بايقالىغانلىقىنى ۋە 200 كىشىنىڭ كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇسقا يېڭى ئىسىم قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Figaro» گېزىتى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىنىڭ مىسلىسىز ئىنسانىيەتكە خىلاپ كىرىزىسكە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Monde» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە 112 شىركەتنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيېتسارىيەدە چىقىدىغان «Le Temps» گېزىتى، شىۋېيېتسارىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرىغا قارىتا مۇداپىئەسىز ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.   

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El País» گېزىتى، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خەلقائارا يانفۇن تېخنىكا قۇرلىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «Infobae» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئېكۋادور دۆلەت رەئىسى لېنىن مورېنو بىلەن ئاق سارايدا ئۇچراشقانلىقىنى ۋە «ئېكۋادور بىلەن سودا كېلىشمى تۈزۈشكە تەييارمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «Telesur» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرونىڭ ياشلارغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھۇجۇملارغا قارشى رايوننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداشقا تەييار تۇرۇڭلار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Gazetem.ru» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ «ئەگەر ئالداراڭغۇلۇق بىلەن قارارلار ئېلىنمىسا، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇتۇققا ئېرىشەلەيدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Lenta.ru» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ يېكاتىنبۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي كونسۇلىنىڭ 2 ھەپتىلىك كارانتىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Kommersant» گېزىتى، رۇسىيەدە چەت ئەللىكلەرگە قوش گىراژدانلىق بېرىش قانۇن تەكلىپىنىڭ بۇ ئاي پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇماغا يوللىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر