پومپىيو: ئىدلىبتا شېھىت قىلىنغان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز» دېدى.

1357654
پومپىيو: ئىدلىبتا شېھىت قىلىنغان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مايك پومپېيو ئىدلىبتا شېھىت قىلىنغان تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى جېيمس جېفرېينى سۈرىيەدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىدلىبتىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، «جېيمس جېفرېينى بۇ مۇقىملىقنى بۇزغۇچى ھۇجۇمغا ئىنكاس سۈپىتىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ماسلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەنقەرەگە ئەۋەتتىم. ناتو ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتىكى كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 ئەسكەر شېھىت بولغان، ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن تۈنۈگۈن كەچتە جېيمس جېفرېي پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر