لاۋروۋ بىلەن مائاس لىۋىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن لىۋىيە كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
1357982
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سېرگېي لاۋروۋنىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە، «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، رۇسىيە، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.