كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1357081
كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى مارشال فاھىم مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن يەردىكى ئادەملەر توپىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ تۇرۇپ پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق، ھۇجۇمدا 4 ئەسكەر بىلەن 1 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 ئەسكەر بىلەن 1 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر