سابىنە بورىنى ئاپىتى گېرمانىيەدە قاتناشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

گېرمانىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن سابىنە بورىنى ھاۋا ۋە تۆمۈر يوللىرى قاتناشلىرىنىڭ توختاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1356107
سابىنە بورىنى ئاپىتى گېرمانىيەدە قاتناشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى سابىنە بورىنى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ يوقىرى پەللىگە چىقىشى مۆلچەرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇردى.

بوران سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئايرودورۇمدا 350 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ۋە پويىز سەپەرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. كۆپلىگەن پويىز قاتناشلىرىمۇ توسالغۇغا ئۇچرىدى.

بىر قانچىلىغان شەھەردە مەكتەپلەر ئوقۇتۇشنى توختاتتى.

سائەتلىك سۈرئىتىنىڭ 110 كېلومېتىرغا چىقىشى مۆلچەرلەنگەن سابىنە بورىنىنىڭ بۈگۈن كېچىدە سۈرئىتى ئاستىلاپ، تەسىرى تۆۋەنلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر