ئامېرىكا خىتايدىكى پۇقرالىرىنى يەنە 2 ئايروپىلان بىلەن يۆتكىدى

ئامېرىكا يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (2019-nCoV) يۇقۇملۇق ئاپىتىدىن كېيىن، خىتايدا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن يەنە ئىككى ئايروپىلان يوللىدى.

1355828
ئامېرىكا خىتايدىكى پۇقرالىرىنى يەنە 2 ئايروپىلان بىلەن يۆتكىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە باشلانغان ۋە پۈتۈن دۇنيانى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزگەن يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى (2019-nCoV) يۇقۇملۇق ئاپىتى سەۋەبىدىن پۇقرالىرىنى يۆتكەش خىزمىتىگە ئالاقىدار يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئېلىپ ۋۇخەندىن ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مورگان ئورتاگۇس، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئايرودورۇمدا تىببىي تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

مورگان ئورتاگۇس بۇ ئاخىرىقى ئىككى ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنگەنلەرنى قوشقاندا، خىتايدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئامېرىكا پۇقرالىرى سانىنىڭ 800 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مورگان ئورتاگۇس ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك پۈتۈن تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا، بولۇپمۇ ۋۇخەنگە بارماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر