ئافغانىستاندىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 6 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىگە قاراشلىق گىرىشىك ناھىيەسىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 6 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1355906
ئافغانىستاندىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 6 ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىگە قاراشلىق گىرىشىك ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل ئەھپىلۋاك ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن گىرىشىك ناھىيەسى مەركىزىدىكى ساقچى ئىدارىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسمائىل ئەھپىلۋاك ھۇجۇمدا 6 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر