مادۇرو لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

ۋېنېزۇئېلا  پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنى قوبۇل قىلدى.

1355596
مادۇرو لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مېكسىكا، كۇبادىن كېيىن لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى ۋېنېزۇئېلادا ئاخىرلاشتۇرغان لاۋروۋ، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنت مەھكىمىسى سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيە ۋېنېزۇئېلا  ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ھەمدە ئالدىنقى يىلى موسكۋادا پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر