فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

فىرانسىيەدە ئۆلۈملەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى.

1355642
فىرانسىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئاگنېس بۇزىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەنە 5 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ بالا، بىرىنىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، 24 – يانۋار كۈنى سىنگاپوردىن كەلگەن ئەنگلىيەلىكنىڭ دۆلەتكە ۋە  باشقا كىشىلەرگە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى يۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، فىرانسىيەدە 6 كىشىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر