لىۋىيەدە سىياسىي مۇزاكىرەلەر پات ئارىدا باشلىنىدۇ

ب د ت لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى نىشان قىلغان سىياسىي مۇزاكىرەلەرنى باشلاش ۋاقتىنىڭ ئېنىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1355040
لىۋىيەدە سىياسىي مۇزاكىرەلەر پات ئارىدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى غاسسان سالامە ئۇرۇش توختىتىشنى مەقسەت قىلغان لىۋىيە تېمىلىق سىياسىي مۇزاكىرەلەرنىڭ 2020-يىلى 26-فېۋرال شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى غاسسان سالامە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ بەش ئەزاسى ۋە لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر باشچىلىقىدىكى «لىۋىيە دۆلەت ئارمىيەسى» ناملىق قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ بەش ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن «5+5» شەكلىدىكى ئورتاق ھەربىي كومىتېتنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ تەرەپلەرنىڭ بىر قانچە نۇقتىدا ئۆزئارا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە 3-2 نۇقتىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىن تەركىپ تاپقان ئاساسلىق ئۈچ مۇزاكىرە تېمىسىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پات ئارىدا ھەربىي يىغىنلارنىڭ جەنۋەدە باشلىنىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، لىۋىيە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك يىغىننىڭ 2020-يىلى 9-فېۋرالدا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىشنى مەقسەت قىلغان لىۋىيە تېمىلىق سىياسىي مۇزاكىرەلەرنىڭ 26-فېۋرالدا جەنۋەدە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر