ترامپ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنى «ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت» دەپ ئېلان قىلغان ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆكتىچى رەھبىرى خۇەن گۇايدو بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى.

1354197
ترامپ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچى رەھبىرى گۇايدو بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى خۇەن گۇايدونى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى. پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن خۇەن گۇايدونىڭ كۆرۈشۈشىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى كېرەك بولغان بايانات، ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتىلمەستىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ترامپ-خۇەن گۇايدو كۆرۈشۈشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

خۇەن گۇايدو ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس ۋە باشقا ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن خۇەن گۇايدو ۋېنېزۇئېلا ئالىي سوتى چەت ئەلگە چىقىشنى چەكلىگەن بولسىمۇ، 2020-يىلى 19-يانۋار كولومبىيەگە بېرىپ، 3-قېتىملىق ئامېرىكا قىتئەسى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مىنىستىرلار كونفېرانسىغا قاتناشتى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن، شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ۋە ئوخشىمىغان دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ياۋروپاغا بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر