ھىندىستانمۇ رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالغان

رۇسىيەنىڭ ھىندىستانغا «S-400» سىستېمىلىرىنى كېلەر (2021) يىلى تاپشۇرۇشنى باشلايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1354021
ھىندىستانمۇ رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋلادىمىر دروژوۋ (Vladimir Drojjov) «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ ھىندىستانغا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تاپشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھىندىستاننىڭ لاكناۋ (Lucknow) شەھىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، «S-400» سىستېمىلىرىنىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋاقتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «S-400 سىستېمىلىرىنىڭ دەسلەپكى پارچىلىرىنى تاپشۇرۇش پىلان بويىچە 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىدۇ. ھىندىستان مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيەلەش ئىشلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن باشلىنىدۇ» دېدى.

ھىندىستان رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى 2018-يىلى نويابىردا ئىمزالىغان ئىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نېراندرا مودى (Nerandra Modi) بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا باشلانغان كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرەلەرنىڭ نەتىجىسىدە قاراردىن چىققان كېلىشىم بويىچە، سىستېمىلارنى تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ 2023-يىلى ئاپرېلدا ئاخىرلىشىشى كۈتۈلمەكتە.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر