باش ۋەزىرنىڭ قوغدىغۇچىسى قورالىنى ئايروپىلان ھاجەتخانىسىدا ئۇنتۇپ قالدى
ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى داۋىد كامروننىڭ يېقىن قوغدىغۇچىسىنىڭ قورالىنى ئايروپىلان ھاجەتخانىسىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەنىڭ «The Sun» قوياش گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق باش ۋەزىر داۋىد كامروننىڭ قوغدىغۇچىسى قورالى بىلەن قوشۇپ باش ۋەزىرنىڭ پاسپورتىنى ئالدىنقى كۈنى نىيۇ يوركتىن لوندونغا ئۇچقان ئايروپىلاننىڭ ھاجەتخانىسىدا ئۇنتۇپ قالغان.
قورال ۋە پاسپورتنى ھاجەتخانىدا ئۇچراتقان يولۇچى ئايروپىلان خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئەنگىلىيە ساقچى تەشكىلاتى شوتلاندىيە ياردنىڭ قوغدىغۇچىلار قىسمىغا تەۋە ساقچىلار ئىشلىتىدىغان 9 سانتىمېتىرلىق «Glock 17» تىپلىق قورالنىڭ ھاجەتخانىدا تېپىلىشىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ئۇنۇتقاق ساقچى مەمۇرىنى ۋەزىپىسىدىن توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
داۋىد كامرون 2010 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ۋە 2016 – يىلى 23 – ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش پائالىيىتىدە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارى ماقۇللانغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.