ئامېرىكا تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1352840
ئامېرىكا تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقرىىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا  مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، رۇسىيە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئىدلىب خەلقىگە قارىتا داۋاملىق، ئورۇنسىز ۋە شەپقەتسىزلەرچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق ھۇجۇملار ئالدىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنى ئىزچىل قوللايمىز. سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.  رۇسىيە، ئىران، ھىزبۇللاھ ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھۇجۇملىرى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يۈز مىڭلارچە سۈرىيەلىكنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز يۇرتىغا قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىغا توسالغۇ بولماقتا. ئۇرۇش توختىتىش دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەك.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئىدلىبقا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە زاپاس قىسىملىرىىڭ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا 8 ئەسكەرنىڭ شدېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر