ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە 24 سائەتلىك يېڭى مەلۇمات

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 425 كە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 20 مىڭ 438 گە چىقتى.

1352652
ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە 24 سائەتلىك يېڭى مەلۇمات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلار ھەققىدە يېڭى مەلۇمات ئېلان قىلدى.

مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 425 كە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 20 مىڭ 438 گە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 مىڭ 788 يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 632 بولغان.

خوڭكوڭدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 15 كە، ماكاۋ (ئاۋمېن) دا سەككىزگە چىققان.

خىتايدا 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 64، يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 235 بولغان.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر