قاسىم سۇلايمانىنىڭ يېقىن دوستى سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلدى

ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قوماندانلىرىدىن ئەسغەر پاشاپور سۈرىيەدىكى توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلدى.

1352834
قاسىم سۇلايمانىنىڭ يېقىن دوستى سۈرىيەدە ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتى «iribnews» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسغەر پاشاپور تۈنۈگۈن ھەلەبتە سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەسغەر پاشاپورنىڭ ئىراقتا ئالدىنقى ئاي ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ يېقىن خىزمەتدىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئىران مېدىياسىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە يېقىن مەنبەلەردىن ھەمبەھرىلەشكەن مەلۇمتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا ھازىرغا قەدەر ئىرانغا تەۋە قىسىملاردىن 2400 جەمئىي كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا 2020يىلى 3دېكابىردا، ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلايمانى ۋە ھاشدى شەئىبى مۇئاۋىن رەئىسى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىسىنى باغدات ئايرودورۇمغا يېقىن جايدا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر