مالايشىيا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتايدا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى

مالايشىيا يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن 107 نەپەر پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

1352863
مالايشىيا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتايدا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ تۈنۈگۈن كەچتە يولغا چىققان «AirAsia» ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە مەخسۇس ئايروپىلانى خىتاينىڭ ۋۇخەن خەلقئارا تىئانخى ئايرودورۇمىدىن مالايشىيا پۇقرالىرىنى ئېلىپ، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 05:57 ئۆتكەندە، كۇئالا-لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودۇرمىغا يېتىپ كەلدى.  

خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرىشگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئايروپىلاندا بىرگە ئېلىپ بېرىلغان 500 مىڭ پىلاستىك پەلەي ياردىمى ۋۇخەندىكى سەھىيە خادىملىرىغا تاپشۇرۇلدى.  

ۋۇخەندىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن 107 نەپەر مالايشىيا پۇقراسىنىڭ سەھىيە تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن 2 ھەپتىگىچە كارانتىناغا ئېلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مالايشىيانىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يەنە ۋۇخەندە تۇرۇشلۇق باشقا پۇقرالىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر