بورېل ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل تېھراندا ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف  بىلەن كۆرۈشتى.

1352963
بورېل ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا، «يادرو كېلىشىمى» نىڭ كېلەچىكى، خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بورېلنىڭ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە پارلامېنت باشلىقى ئەلى لارىجانى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر