ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ 150مىڭدىن ئاشتى

ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 361 گە چىقتى.

1351807
ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ 150مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ سانى 17 مىڭ 205 كە چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 296 يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى 21 مىڭ 558، كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 152 مىڭ 700 بولغان.

خوڭكوڭدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 15 كە، ماكاۋ (ئاۋمېن) دا سەككىزگە، تەيۋەندە 10 غا چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر