ترامپ بىلەن ترېدۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

1352065
ترامپ بىلەن ترېدۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن كانادا باش مىنىستىرى ترېدۇنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئاقساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ترامپ بىلەن ترېدۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئامېرىكا-مېكسىكا-كانادا سودا كېلىشىمىدىن باشقا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

رەھبەرلەر خىتاينىڭ ئاساسسىز قولغا ئالغان كانادانىڭ ئىككى پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى مەسىلىسىدە، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

خىتاي 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا كانادانىڭ ئىككى پۇقراسىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر