ئامېرىكا 6 دۆلەتكە ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نىگېرىيە، قىرغىزىستان، بىرما، سۇدان، تانزانىيە ۋە ئېرىتىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى.

1351316
ئامېرىكا 6 دۆلەتكە ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن مىنىستىرى چاد ۋولفنىڭ تېلېفون يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، نىگېرىيە، قىرغىزىستان، بىرما، سۇدان، تانزانىيە ۋە ئېرىتىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقى ئۈچۈن،  ۋاشىنگتون بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئامېرىكىدا ئۇزاق مەزگىللىك تۇرۇش ئىجازەتنامىسى بېرىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ۋىزىنى توڭلىتىپ قويغان. ئۇنىڭ ئيېتىشىچە، بۇ كەڭ دائىرىلىك ۋىزا چەكلىمىسى ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ساياھەت ۋىزىسىغا داۋاملىق ئىلتىماس سۇنالايدىكەن. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىدا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە توشىدىغان ئۆزگىرىش كۆرۈلگەن ھامان چەكلىمە بىكار قىلىنىدىكەن. بۇ قارارغا ئاساسەن، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى «يېشىل كارت» قاتارلىق ۋىزىلارغا ئىلتىماس سۇنالمايدىكەن. بۇ دائىرىدە سۇدان بىلەن تانزانىيەگە «يېشىل كارت» بېلىتى تارتالماسلىق چەكلىمىسى قويۇلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ ئىران، لىۋىيە، سۈرىيە، سومالى، يەمەن، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر