«<يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> بىلەن تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ»

پەلەسىتن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» دەپ ئاتىغان پىلان بىلەن تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1350984
«<يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى> بىلەن تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئۇرەيقات، راماللاھتا سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «ئوتتۇرا شەرق پىلانى» ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ پىلان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ پىلان ئىسرائىلىيە بىلەن ئىمزالانغان بارلىق كېلىشىملەردىن ۋاز كېچىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. تىنچلىق  كېلىشىمى ئارقىلىق <قۇددۇس>، <كۆچمەنلەر ۋە چېگرا لىنىيەلىرى>  قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم. پەلەستىننىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ۋە بۇ ھەقتە ئىزچىل  كۈرەش قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر