ۋۇخەنلىك ئايال ئامېرىكادا يولدىشىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇردى

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادەمدىن ئادەمگە يۇققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1350797
ۋۇخەنلىك ئايال ئامېرىكادا يولدىشىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى چىكاگوغا كەلگەن بىر ۋۇخەنلىك ئايالنىڭ ۋىرۇسنى يولدىشىغا يۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكادا بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى ئالتىگە چىققان بولدى.

ئامېرىكا مەسئۇللىرى بەش كىشىنىڭ خىتاي ساياھىتىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئالتىنچى كىشىنىڭ بولسا، ۋۇخەندىن قايتقان ئايالىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇخەنلىك ئايالنىڭ 2019-يىلى دېكابىردا ۋۇخەنگە بارغانلىقى ۋە 2020-يىلى 13-يانۋاردا چىكاگوغا قايتقانلىقى، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان 60 ياشلىق بۇ ئەر-ئايالنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھازىرچە ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ زۇكامغا ئوخشاش ھۆتەلگەندە ۋە چۈشكۈرگەندە ھاۋاغا ئارىلاشقان تامچىلاردىن تارقىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكادا ھازىرغىچە ئارىزونا، جەنۇبىي كالىفورنىيە، ۋاشىنگتون ۋە ئىللنويس ئىشتاتلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر