«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 213 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە مەيدانغا چىقىپ سۈرئەت بىلەن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس) پەيدا قىلغان ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 213 كە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1350710
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 213 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە مەيدانغا چىقىپ سۈرئەت بىلەن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس) پەيدا قىلغان ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 213 كە، ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغانلار سانىنىڭ - 1527 ىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ - جەمئىي  9692 گە يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان ئادەم سانىنىڭ 15238 گە يەتكەنلىكى، ھازىرغىچە جەمئىي 171 ئادەمنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى، ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغان ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى ئۈچۈن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغانلار سانىنىڭ 102427 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر