ماكرون ئەرمەن دەۋالىرى توغرىسىدا بىلجىرلىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى ھەققىدە پەرۋاسىزلارچە بايانات

1350089
ماكرون ئەرمەن دەۋالىرى توغرىسىدا بىلجىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرى ھەققىدە پەرۋاسىزلارچە بايانات بېرىپ، ئەرمەن دەۋالىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنى جازالاش ئۈچۈن قانۇنىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيەدىكى ئەرمەن جەمئىيەتلىرى كوردىناتسىيە كېڭىشىنىڭ يىللىق كەچلىك زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان ماكرون، مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، دۆلىتىنىڭ فىرانسىيەدە ياشايدىغان ئەرمەنلەرنى ۋە ئەرمېنىيەنى ھەردائىم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « ئەرمەن جەمئىيەتلىرى كوردىناتسىيە كېڭىشىنىڭ ئەرمەن دەۋالىرىنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە قانۇنىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكى»نى ئېيتتى.

فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى، 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە «بەزى جىنايەتلەرنى رەت قىلىشنى جىنايەت ھېسابلاش» توغرىسىدىكى قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىسىنى ئىككى يىل ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەنىدى.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن ماددىسىدا 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش ئەرمەن دەۋالىرىغا ئالاقىدار ھېچقانداق بىۋاسىتە سۆز – ئىبارە يوق ئىدى. بىراق قانۇننىڭ، 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلماسلىقنى «ئۆچمەنلىك جىنايىتى» دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك جازالاش يوللىرىنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

ئۇ قانۇنغا ئاساسەن، مەزكۇر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىگە 1 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 40 مىڭ ياۋرو ئىقتىسادىي جازا بېرىشكە بولاتتى.

فىرانسىيەدە نىكولاس ساركوزينىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە قوبۇل قىلىنغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانۇنمۇ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن «پىكىر ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ رەت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر