ماداغاسقاردىكى سۇ ئاپىتىدە ئونلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

ماداغاسقارنىڭ غەربىي شىمالىدا كۆرۈلگەن شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە 32 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1349575
ماداغاسقاردىكى سۇ ئاپىتىدە ئونلارچە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقار تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماروۋوئاي شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سەل ئاپىتىدە 10 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 16 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ماداغاسقار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، سۇ ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ئىنسانىي ياردەم ئەۋەتىش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر