خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان پەلەستىننى يوقىتىپ تاشلايدىغان ئاتالمىش تىنچلىق پىلانىغا بىر قاتار دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەر نارازىلىق بىلدۈردى.

1349550
خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پەلەستىننىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان تىنچلىق پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكىنى، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەيدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىرانمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھۇسامەتتىن ئاشىنا، پىلانغا تېڭىش ۋە جازا پىلانى، دەپ باھا بېرىپ، «يۈز يىلنىڭ خىيانىتى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر» دېدى.

ئامېرىكىلىق دېموكراتىك قانات پارلامېنت ئەزاسى كىرىس مۇرپي بولسا، «ئاتالمىش تىنچلىق پىلانى» دەپ ئاتىغان پەلەستىننى پارچىلاشنى نىشان قىلغان پىلاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئونلارچە يىل ئارقىغا سۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

رۇسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى بولسا، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى مىخائىل بوگدانوۋ ئېلان قىلدى؛ ئۇ، پىلاننى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەمەس، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاسمۇ ترامپنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنى ئەيىبلىدى؛ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەكلىپى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا» دېگەن مائاس، پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭلا ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپلىق ئىشخانىسى بايانات ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باياناتىدىمۇ، باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ تراپنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ب د ت قارارلىرى، خەلقئارا قانۇن، ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرى ۋە 1967 – يىلى چېگرالىرى دائىرىسىدە تىنچلىق ئىچىدە يانمۇيان ياشايدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ب د ت نىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە دائىر پوزىتسىيەسى، يىللاردىن بۇيان خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئومۇمىي كېڭەشنىڭ قارارلىرى ئارقىلىق ئىزاھلانماقتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا، ترامپنىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانى توغرىسىدا سۆزلىشىش ئۈچۈن شەنبە كۈنى مىنىستىرلار دەرىجىلىك جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر