ترامپنىڭ يېشىل كارت بەلگىلىمىسى تەستىقلاندى

ئامېرىكا ئالىي سوتى پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئامېرىكانىڭ ياردەملىرىگە تايىنىپ قالىدىغانلىقى جەزملەشكەن كىشىلەرنىڭ يېشىل كارت ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارى» نى تەستىقلىدى.

1348926
ترامپنىڭ يېشىل كارت بەلگىلىمىسى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ، 4 كە قارشى قارشى 5 ئاۋاز بىلەن تەستىقلاندى.

قارار بويىچە بولغاندا، ئامېرىكادا ياشاش ئۈچۈن يېشىل كارتقا ئىلتىماس قىلغان كىشىلەر «ئامېرىكا دۆلىتىگە يۈك بولۇپ قالىدىغان-قالمايدىغانلىقى نۇقتىسىدا» ئىقتىسادىي باھالاشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكادىن سەھىيە، ئۆي ئىجارىسى ياردىمى ۋە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى ئالغان ياكى كېيىن «بۇنداق ياردەملەرنى ئالىدۇ» دەپ پەرەز قىلىنغان كىشىلەرگە يېشىل كارت بېرىلمەيدۇ. يېشىل كارت ئىلتىماسلىرى كۆچ ئىدارىسى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ.

يېشىل كارتقا ئىلتىماس قىلغان كىشىلەرنىڭ قانداق ئىقتىسادىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەردە ئىلتىماسنى باھالاش ئىشلىرى، نەق پۇل ياردىمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلاتتى. ترامپ ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ بەلگىلىمىنى كېڭەيتىپ، سەھىيە، ئۆي ئىجارىسى ياردىمى ۋە يېمەك-ئىچمەك ياردەملىرىگە تايىنىش دەرىجىسىنىمۇ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

پىرېزىدېنت ترامپ يېشىل كارت بەلگىلىمىسى ئۈستىدە توختالغاندا، «لاياقەتكە تايانغان كۆچمەنلىك تۈزۈمىنى كەلتۈرگەنلىكلىرى» نى بىلدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ ئىقتىدار-قابىلىيەتلىرىنى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاساس قىلغان تۈزۈم سايىسىدا، ئامېرىكاغا جىنايەتچى ياكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئارىلاشقان كىشىلەرنىڭ كېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر