ترامپ ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەلازىغدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈردى.

1348572
ترامپ ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەلازىغدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەن، ھەمدە ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، ئىدلىب ۋە لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى جۇد دېرې، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، لىۋىيە مەسىلىسىگە چەت ئەل مۇداخىلىسىنى توختىتىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپ بىلەن ئەردوغان، ئىدلىبتا داۋاملىشىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ترامپ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسى سەۋەب بولۇۋاتقان كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر