سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدىكى ئەزىز رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1347769
سۈرىيە – تۈركىيە چېگراسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ خۇددى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئوخشاشلا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن پۇقرالارنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بۇ قېتىم كىلىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى سۈرىيە تېرروتېرىيەسىگە جايلاشقان ئەزىز ناھىيە مەركىزىگە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، ھۇجۇمدا 7 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 دىن ئارتۇق پۇقرا يارىلانغان، يارىدارلار سەھىيە مەركەزلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، پارتلاش نەتىجىسىدە يېقىن ئەتراپتا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن.

بۇ ئارىلىقتا، ئەزىز ناھىيە مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا يارىلانغان 9 كىشى ئۆنجۈپىنار چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يەردە كۈتۈۋاتقان 112 جىددىي قۇتقۇزۇش ئورگىنى خادىملىرى تەرىپىدىن كىلىس دۆلەتلىك دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يارىدارلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر