بورېل چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، ئەلازىغنىڭ سىۋرىجە ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

1347847
بورېل چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، ئەلازىغنىڭ سىۋرىجە ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئالىي ۋەكىل بورېل تۈنۈگۈن مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ، يەر تەۋرەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە ھەرجەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، «خىيالىمىز تۈرك خەلقى، قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، يارىلانغانلار ۋە زىيانغا ئۇچرىغانلار بىلەن بىرگە. يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، تۈرك خەلقى بىلەن ھەرجەھەتتىن ھەمكارلىق ئىچىدىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر