شى جىنپىڭ كوروناۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرماقچى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي كومىتېتى يۇقۇملۇق كوروناۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرۇپ ۋۇخەنگە يوللاش قارارىغا كەلدى.

1347516
شى جىنپىڭ كوروناۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىنتايىن جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى ۋە باش مىنىستىرى لى كىچاڭ قاتارلىق 25 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلداردىن تەشكىللەنگەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي كومىتېتى، ۋۇخەندىن پۈتۈن دۆلەت مىقياسىغا تارقالغان يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى ئاپىتىنى مۇزاكىرلىشىش ئۈچۈن يىغىن چاقىرغان.

يىغىندا يۇقۇملۇق كوروناۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرۇلىشى لازىملىقى ھەققىدە قارار ماقۇللانغان. بۇ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسنىڭ خۇبېيگە ئوخشاش ئاپەتنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا يوللىنىدىغانلىقى ۋە گۇرۇپپىنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈشتە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

شى جىنپىڭ يىغىندا يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى ئاپىتى تېز كېڭىيىپ كەتكەن بىر جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، دورا ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا سەھىيە خادىملىرىنى قوغداش چاقىرىقىدا بولغان.

بۇ ئارىلىقتا خىتاي ئاپەتلەرنى كونتىروللۇققا ئېلىش مەركىزى خىتايدا تېز تارقىلىۋاتقان كوروناۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېن تەييارلاشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ئاپەتلەرنى كونتىروللۇققا ئېلىش مەركىزى مۇتەخەسسىسى شۇ ۋىنبو مەركەز دائىرىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېڭى تىپلىق كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ھازىر ئايرىۋىلىنغان ۋىرۇسنىڭ گېن تىزىمىسىغا باھا بېرىش ئۈچۈن تەتقىقات خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر