شاھزادە چارلېس پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە تەخت ۋارىسى گاللېر شاھزادىسى چارلېس، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازادلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكتىن تولۇق پايدىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شاھزادە چارلېس پەلەستىنلىكلەرنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، شاھزادە چارلېس غەربىي قىرغاقنىڭ جەنۇبىدىكى بەيتۇلاھىم شەھىرىدە پەلەستىن مەسئۇللىرىدىن باشقا يەنە مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان دىنىي زاتلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان. 

ئۇچرىشىشتا شاھزادە چارلېس مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارغا ئۆزىنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

شاھزادە چارلېس: «بۇ داۋانى ئىمان بىلەن تەقىپ قىلىشىمىز ۋە بۇ خىل ئازاب ئوقۇبەتلەرگە سەۋەب بولغان يارىلارنى ساقايتىشىمىز كېرەك. ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم؛ كەلگۈسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە باراۋرەلىك ۋە ئازادلىق ئېلىپ كېلىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باي باياشاتلىق ئىچىدە بولىشىدۇر. بەيتۇللاھىمنى زىيارەت قىلغان ھېچ كىشى داۋاملىشىۋاتقان قېيىنچلىقلارغا ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە كۆز يۇمالمايدۇ» دېدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر