فىرانسىيەدە بۈگۈن يەنە بىر خىتايدا كوروناۋىرۇسى بايقالدى

بۈگۈنكى بايقاش بىلەن فىرانسىيەدە جەمئىي 3 خىتاي پۇقراسىدا كوروناۋىرۇسى بايقالغان بولدى.

فىرانسىيەدە بۈگۈن يەنە بىر خىتايدا كوروناۋىرۇسى بايقالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بۈگۈن ئۈچىنچى بىر خىتاي پۇقراسىدىمۇ كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بايقالدى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىسترىلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتايدىن كەلگەن بىر ساياھەتچىدە يېڭى تىپلىق كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بايقىلىپ، دەرھال پارىژدا كارانتېناغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرى ئاگېنس بوزىيىن تۈنۈگۈن ئاخشام ئېلان قىلغان باياناتىدا بوردېئۇكس ۋە پارىژ شەھەرلىرىدە خىتايدىن كەلگەنلەردە كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ياۋروپادىكى باشقا جايلاردىمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ كۆرىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.

مالايشىيانىڭ جوھور ئۆلكسىدىمۇ كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ، كارېنتىناغا ئېلىنغام 8 نەپەر خىتاي ساياھەتچىدىن 3 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

مالاشىيا سەھىيە مىنىستىرى دوكتور دىزۇلكەيف ئەھمەد كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئەسلىدە، دۈشەنبە كۈنى سىنگاپوردا بۇ ۋىرۇس بايقالغان 66 ياشلىق خىتاي پۇقراسىنىڭ ئايالى ۋە 2 نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مالاشىيا سەھىيە مىنىستىرى دوكتور دىزۇلكەيف ئەھمەد سىنگاپوردا كارانتېناغا ئېلىنغان خىتاي پۇقراسىنىڭ 65 ياشلىق ئايالىدا شۇنداقلا 2 ۋە 11 ياشلىق 2 نەۋرىسىدىمۇ بۇ ۋىرۇس بايقىلىپ، مالايشىيادا كارانتېناغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.  

بىمارلارنىڭ جوھور بارۇ شەھىرىدىكى سۇنگاي بۇلوش دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە داۋالاشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

مالاشىيا سەھىيە مىنىستىرى دوكتور دىزۇلكەيف ئەھمەد كارانتېناغا ئېلىنغان باشقا 5 نەپەر خىتاي ساياھەتچىدە بولسا، كوروناۋىرۇسى (2019-nCoV) بايقالمىغانلىقىنى، بىراق تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بۇ خىتاي ساياھەتچىلەرنى كارانتېنا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر