فىرانسىيەدىكى نامايىشلارغا 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ پىنسىيونېرلىق ئىسلاھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان 100 مىڭلىغان كىشى پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا پىنسىيونېرلىق ئىسلاھىتىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەدىكى نامايىشلارغا 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا توپلاشقان نامايىشچىلار تارىخىي كونكورد مەيدانغىچە يۈرۈش قىلدى. 

نامايىشچىلار پىنسىيونېرلىق ئىسلاھىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پىرېزىدېنت ماكرونغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى ۋە لوزىنكىلارنى ئاچتى.

پارىژ ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت پارىژدىكى نامايىشلاردا 11 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈگلەن نامايىشلارغا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژدا 31 مىڭ كىشى بولۇپ، جەمئىي 249 مىڭ كىشى قاتناشقان. بىراق ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پارىژدا 350 مىڭ كىشى بولۇپ، جەمئىي دۆلەت مىقياسىدىكى نامايىشلارغا 1 مىليون 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قاتناشقان.

ئىشچىلار ئويۇشمىلىرى پىنسىيونېرلىق ئىسلاھىتىغا قارشى 29يانۋاردا قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

پىنسىيونېرلىق ئىسلاھىتى تەكلىپى فرانسىيە مىنىستىلار كېڭىشىگە سۇنۇلدى. ئالدىمىزدىكى ئايدا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر