ئايال پادىشاھ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئەنگلىيەنىڭ 31-يانۋاردا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي چېكىنىشىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان لايىھە، ئايال پادىشاھنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلىشىپ كۈچكە ئىگە بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇن تەكلىپ لايىھەسى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسىدىن تېز ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لوردلار (كېڭەش) پالاتاسىدا بولسا، بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلۈپ، ئاۋام پالاتاسىغا قايتۇرۇلغان ئىدى.
باش ۋەزىر بورىس جونسون ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ ئاۋازدىن پايدىلىنىپ، كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لايىھەنى قايتىدىن لوردلار پالاتاسىغا ئەۋەتكەن ئىدى.
ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئىتتىپاقتىن چېكىنىش كېلىشىمى بويىچە، ئەنگلىيە 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە داۋام قىلىدۇ. بىراق، سىياسىي قارار مېخانىزمى ئىچىدىن ئورۇن ئالمايدۇ. بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، تەرەپلەر كەڭ دائىرىلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ. ئەنگلىيە ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلماقچى بولسا، ئەڭ كېيىن دېگەندە، مۇشۇ يىل (2020) نىڭ ئىيۇن ئېيىغىچە تەلەپ قىلىشى كېرەك.
بورىس جونسون ھۆكۈمىتى مۇددەتنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، كېلىشىم تۈزۈلسۇن ياكى تۈزۈلمىسۇن 2020-يىلى 31-دېكابىر ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە 2016-يىلى تۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رېفېراندۇمىدا %48 ئاۋازغا قارشى %52 ئاۋاز بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارارى قىلغان ئىدى.