ئامېرىكا «B-1/B-2» ۋىزىسىنى توختاتتى

ئاقساراي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۈگۈن (2020-يىلى 24-يانۋار) دىن باشلاپ تۇغۇت ئۈچۈن ۋاقىتلىق بېرىلىدىغان «B-1/B-2» ۋىزىسىنى بېرىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1346595
ئامېرىكا «B-1/B-2» ۋىزىسىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىغان تۇغۇت ساياھىتى ۋىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى قەدەمنى باستى.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2020 -يىلى 24-يانۋاردىن باشلاپ ئامېرىكا زېمىنىدا بالا تۇغۇپ، پەرزەنتلىرىگە ئاپتوماتىك ۋە ئۆمۈرلۈك ئامېرىكا پۇقرالىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە سۇنۇلىدىغان ۋاقىتلىق تۇغۇت ساياھىتى ۋىزا ئىلتىماسىغا < B-1/B-2> ۋىزىسىنى بەرمەيدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى بىلەن، ئامېرىكا كۆچمەنلىك سىستېمىسىنىڭ ماسلىشىشى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

تۇغۇت ساياھىتى مۇلازىمىتىنىڭ ئامېرىكا دوختۇرخانىلىرىغا ئېغىر مالىيە يۈكى پەيدا قىلىشقا، بەزى سۈيىئىستېماللارغا ۋە جىنايەتلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «بۇ قانۇن يوچۇقىنى ئېتىش، دائىم كۆرۈلىدىغان سۈيىئىستېماللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكانى كونا بەلگىلىمە سەۋەب بولىدىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىدىن قوغدايدۇ» دېيىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر