ترامپ: «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» سەيشەنبە كۈنىگىچە ئېلان قىلىنىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن «100 يىلنىڭ كېلىشىمى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن پەلەستىننى پارچىلاش پىلانى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى.

1346663
ترامپ: «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» سەيشەنبە كۈنىگىچە ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئاقساراينىڭ سەيشەنبە كۈنىدىن بۇرۇن پىلاننىڭ بىر قىسمىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي رەقىبى بېنني گېنتز بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشىدۇ.

پەلەستىن دائىرىلىرى دونالد ترامپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى؛ پەلەستىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى نەبىل ئەبۇ رۇدەينە، پىلاننىڭ رەت قىلىنغان شەكلى بويىچە ئېلان قىلىنماسلىقى توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، ئەكسىچە بولغاندا، پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس «يۈز يىلنىڭ پەشۋاسى» دەپ باھا بەرگەن پىلاننىڭ تەپسىلاتى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پىلان قۇددۇسنى پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەگە بۆلۈپ بېرىشنى مەزمۇن قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر