ياۋروپادا ئاياللارغا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

ياۋروپادا ئاياللارغا زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1345871
ياۋروپادا ئاياللارغا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ 2017 – يىلىدىن بۇيان ئۇچۇر توپلاش ئارقىلىق تەييارلىغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، فىرانسىيە ئەڭ كۆپ ئاياللارغا ئالاقىدار جىنايەتلەر سادىر قىلىنغان دۆلەت ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ئاياللار جىنايەتكە ئەڭ كۆپ قۇربان بولۇپكېتىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەر بولۇپ، فىرانسىيەدە بىر يىلدا 601 ئايال ئۆلتۈرۈلگەن، ئەنگلىيەدە بولسا، ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى زوراۋانلىققا دۇچار بولىدىكەن.

گېرمانىيەدە 380، ئەنگلىيەدە 227، ئىسپانىيەدە 113 ئايال ئەرلەر تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان. ئىتالىيەدە بولسا، 2018 – يىلى 142 ئايال ئۆلتۈرۈلگەن.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ئاياللار – ئەرلەر پۇرسەت باراۋەرلىكى كومىتېتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا 15 ياشتىن چوڭ ھەر ئۈچ ئايالنىڭ بىرى بىر ئەرنىڭ جىسمانىي ياكى جىنسىي زورلۇقىغا دۇچ كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر