مالايشىيادا يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ ماتورىغا ئوت كەتتى

مالايشىيانىڭ كوتا بارۇ شەھىرىدىن ئۇچماقچى بولغان، «OD 1231» سەپەر نۇمۇرلۇق مالىندو ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە يولۇچى ئايروپىلانى قوزغىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە ماتورىغا ئوت كەتتى.

1345860
مالايشىيادا يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ ماتورىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىئون ھاۋا يوللىرى گۇرۇھىنىڭ شۆبە شىركەتلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ۋە مەركىزى ئىشخانىسى مالايشىيادا تۇرۇشلۇق مالىندو ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «ATR 72–600» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانى كوتا بارودىكى سۇلتان ئىسمائىل پېترا ئايرودورۇمىدىن سۇباڭدىكى سۇلتان ئابدۇلئەزىز شاھ ئايرودورۇمىغا ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغاندا كاشىلا چىقتى.

43 يولۇچى ۋە 7 ئايروپىلان خادىمى بىلەن ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان ئايروپىلاننىڭ ماتورلىرىدىن بىرسىگە ئوت كەتكەنكەنلىكى ۋە سەپەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار سۇباڭغا ئۇچىدىغان يەنە شۇ ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئايروپىلانىغا يوللاندى

شىركەتتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ماتورغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۇپ، يۈز بەرگەن كاشىلا سەۋەبىدىن يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر