فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىسرائىلىيە ساقچىسى بىلەن جېدەللەشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان ۋە فىرانسىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان سائىنت ئاننە چىركاۋىنى زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا، ئىسرائىلىيە ساقچىسى بىلەن جېدەللەشتى.

1345798
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىسرائىلىيە ساقچىسى بىلەن جېدەللەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە، ماكروننىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى سائىنت ئاننە چىركاۋى ئالدىدا، يېنىدىكى ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ ئىچىگە كىرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تاپىلايدۇ. 

ماكرون ھەممەيلەننىڭ قائىدىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىسرائىلىيە ساقچىسىغا قاراتقان ھالدا: «سېنىڭ ئالدىمدا قىلغانلىرىڭنى پەقەتلا ياختۇرمىدىم، دەرھال چىقىپ كەت!» دەيدۇ.

كۆرۈنۈشلەردە يەنە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىسىدىن قائىدىلەرگە بويسۇنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىپ، «يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان قائىدىلەر مېنىڭ ئۈچۈن ئۆزگەرتىلمەيدۇ» دېگەنلىكى ئاڭلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىسرائىلىيە ئاخباراتىدا چىققان خەۋەرلەردە، ئىسرائىلىيە ساقچىسىنىڭ ماكرون بىلەن فىرانسىيەنىڭ زېمىنى دەپ قوبۇل قىلىنغان سائىنت ئاننە چىركاۋىغا كىرمەكچى بولغىنىدا تالاش تارتىش يۈز بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

فىرانسىيە پېرېزىدېنتى ماكرون 5 - نۆۋەتلىك خەلقئارا كولوكوست (قىرغىنچىلىق) مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بارغان ۋە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر