ئىراقتىكى نامايىشلاردا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

ئىراقتا ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچى سانى 10 غا يەتتى، يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەردە 159 ئادەم يارىلاندى.

ئىراقتىكى نامايىشلاردا 10 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئەزاسى ئەلى بەياتلى، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە 10 نامايىشچىنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەردە 24 نەپىرى خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 159 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراقتا 2019 - يىلى 1 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشسىزلىق، چىرىكلىك، ئاممىۋى خىزمەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا چەتنىڭ مۇداخىلە قىلىشى قاتارلىق ھەر خىل ئىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.


خەتكۈچ: نامايىش , ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر