ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى باشلىقى مەھمۇد ۋائىزى، ئىران مەسىلىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن تەقدىردە، يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشلىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋائىزى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشىنى ئەيىبلەپ، «مەسىلە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلسە، يادرو قوراللىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمىدىن ئايرىلىش ئىران تاشلايدىغان قەدەملەرنىڭ بىرى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان 5 ئەزاسىنىڭ پىرېزىدېنتلىرىغا يوللىغان مەكتۇپىدىمۇ، مەسىلە بۇ ئورگاننىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن تەقدىردە، ئىراننىڭ بۇنىڭغا قارىتا «قاتتىق قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقى»نى ئەسكەرتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر